Biltiz
31/10/2020
Take a Survey for COVID-19 Public Health Research
Help track the spread of COVID-19 in your community by taking a survey from Camegie Mellon University Delphi Research Center.
https://bit.ly/35mj2bH
10/06/2020
بەك ئۇزاق #جىمىپ قالدۇق، لېكىن توختاپ قالمىدۇق.
ئەمدى قايتىدىن شاۋقۇن-سۈرەن چىقىرىدىغان #ۋاقىت كەلدى.
#شاۋقۇن #سۈرەننى تەڭ چىقىرايلى، دەۋاتىمىز. ئەمسە تۆۋەندىكىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ ۋە #ھەمبەرھىلەش ئارقىلىق بىر شاۋقۇن چىقىرىشىپ بىرىڭ.
#بىلتېز دەرسخانىمىزدا ۋىرۇس سەۋەپلىك توختىتىپ تۇرۇلغان دەرسلىرىمىز 6-ئاينىڭ 15- كۈنى( دۈشەنبە) قايتىدىن باشلىنىدۇ. ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەر ئېلىنىدۇ. ھەممىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بارلىق #ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى سورايمىز.
1. ھەر سىنىپتىكى #ئوقۇغۇچى سانىغا چەكلىمە قويۇلىدىغان بولۇپ، چوڭ سىنىپتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 9 ئوقۇغۇچى، كىچىك سىنىپلاردا ئەڭ كۆپ بولغاندا 7 ئوقۇغۇچى بىرلا ۋاقىتتا دەرس ئوقۇيالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا ئارىلىق تاشلاپ ئولتۇرۇشى كېرەك. چۈشتىن بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلار بىلەن چۈشتىن كىيىنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرى ئايرىم بولىدۇ.
2. پۈتۈن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماسكا تاقاپ كېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
3.سىنىپقا كېرىشتىن بۇرۇن ھەممەيلەننىڭ قىزىتمىسى ئۆلچىنىدۇ ۋە قولىنى دېزىنفىكسىيە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
دەرسخانىمىزدا #يۆس ئىمتىھانىغا تەييارلىق سىنىپلىرى، پەرقلىق سەۋىيەلەردە #ئىنگىلىز تىلى ۋە #تۈرك تىلى سىنىپلىرى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېزىملىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئەسكەرتىش: بۇندىن كېيىنكى دەرسلىرىمىزدە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىغا چەك قويىلىدىغانلىقى ئۈچۈن كونا يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ 6- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن بۇرۇن تىزىملىتىشىنى سورايمىز. تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن سىنىپلىرىمىز يېڭىدىن تەڭشىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلېفونى:
05469743283
05558888883
ۋاتساپ:
05469743283
05549332536
20/01/2020
ئەسسالامۇئەلەيكۇم. يۆسكە تىزىملىتىش سىستېمىسى ئېچىلدى. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش مۇددىتى 1.ئاينىڭ 6. كۈنىدىن 3. ئاينىڭ 6. كۈنىگىچە. بىرەر چاتاق چىقىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىزىملىتىشنى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ھەپتىگە قويماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تىزىملىتىش توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ لازىملىق ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:
1. يېقىندا ئۆلچەملىك تارتىلغان رەسىم (ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى)
2. ئاكتىپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئېلخەت ئادرېسى (ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن بولىشى كېرەك)
3. پاسپورتنىڭ تارالغان رەسىمى
4. دىپلومنىڭ تارالغان رەسىمى ( تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى)
5. ئاكتىپ ئىشلىتىلىۋاتقان تېلېفۇن نومۇرى
6. 400 لىرا تىزىملىتىش ھەققى
تۆۋەندىكى ئادرېستىن كىرىپ تېزىملاتسىڭىز بولىدۇ:
https://oss.istanbul.edu.tr/yos/basvuru.html
يۆسكە مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرەلەيسىز:
https://yos.istanbul.edu.tr
2020. يىللىق يۆس ئىنتاھانلىرىغا كىرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېققىتىگە:
يۆس ئىمتاھانىغا تېزىملىتىش ۋاقىتى يېقىنلىشىپ قالدى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇماقچى بولغان ئونۋېرستېت ۋە كەسىپ ھەققىدە ئىزدىنىپ دەسلەپكى قارارىڭلارنى بېرىشىڭلار, ۋە ئوقۇماقچى بولغان ئونۋېرستېتنىڭ تور بېكەتلىرىگە پات-پات قاراپ كۈنتەرتىپلەردىن ۋە ئوختۇرۇشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىشىڭلار كېرەك.
ئىستانبۇل ئونۋېرستېتىنىڭ يۆس ئىنتاھانى 2020. يىل 4. ئاينىڭ 11. كۈنى سائەت 15:00تە ئېلىنىدۇ.
ئىنتاھانغا تېزىملىتىش ۋاختى:
1. ئاينىڭ 6. كۈنى دۈشەنبە باشلىنىدۇ.
3. ئاينىڭ 6. كۈنى جۈمە سائەت 17:00 تە ئاخىرلىشىدۇ.
تىزىملىتىش توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ, ئويلىمىغان مەسىلىلەر چىقىپ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن تېزىملىتىش ئىشىنى ئاخىرقى كۈنلەرگە قويۇپ قويماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
Click here to claim your Sponsored Listing.
Category
Contact the school
Website
Address
Fatih
Opening Hours
| Monday | 09:00 - 19:00 |
| Tuesday | 09:00 - 19:00 |
| Wednesday | 09:00 - 19:00 |
| Thursday | 09:00 - 19:00 |
| Friday | 09:00 - 19:00 |
| Saturday | 09:00 - 19:00 |
| Sunday | 09:00 - 17:00 |